لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئۆل

öl

  1. (جانلىقلار توغرىسىدا) ھاياتى ئاخىرلاشماق، جېنى چىقماق.

    English
    die
    中文
    死、死亡
    Türkçe
    ölmek
    • ئاتاڭ ئۆلگەن بولسا مەن ساڭا ئاتا. مەن ئاتىدارچىلىق قىلاي، ماڭا ئوغۇل بول.
    • ئۇنىڭ بوۋىسى ئۇرۇش يىللىرىدا ئۆلگەن.

    قارشى مەنىلىك: تىرىل

  2. ئېغىز تىلى (كۆچمە) ئاچلىق، ئىسسىق ياكى زېرىكىش قاتارلىقلاردىن قاتتىق قىينالماق (كۆپىنچە «كەت» ياردەمچى پېئىلى بىلەن).

    English
    be dying (of)
    中文
    要死、…死了
    Türkçe
    ölmek
    • بۈگۈن ئىسسىقتىن ئۆلۈپ كەتتىم.