لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئۆتكۈز

ötküz

  1. بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆتۈشكە ياردەم قىلماق؛ ئۇ يۈزىگە ئاپارماق.

    English
    take across, carry over
    中文
    使通过、渡过、送过
    Türkçe
    geçirmek
    • -تىمساھ ئاكا، بۇ بەش قىزنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز، مەن سىزگە ئوزۇق بولۇشقا رازىمەن.
  2. يىغىن، مۇسابىقە، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئېلىپ بارماق.

    English
    hold, conduct, carry out
    中文
    举行、进行、举办
    Türkçe
    düzenlemek, yapmak
    • «بالىلىرىمىزغا تارىخىمىزنى قانداق ئۆگىتىمىز؟ » دېگەن تېمىدا نەق مەيدان سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
    • ئالاقىدار تارماقلار كۆپ قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
  3. ۋاقىتنى، كۈننى بىرەر يەردە ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەچۈرمەك.

    English
    spend, pass
    中文
    度过、过
    Türkçe
    geçirmek
    • بىز يازلىق تەتىلنى يېزىدا ئۆتكۈزدۇق.