لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئىدىيە

idiye

  1. كىشىنىڭ ياكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ دۇنيا، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە پىكىرلىرىنىڭ يىغىندىسى؛ تەپەككۇر يۆنىلىشى.

    English
    thought, ideology, ideas
    中文
    思想、观念
    Türkçe
    düşünce, ideoloji
    • ئاياللارنى ئەزىز كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلانغانىدى.
    • ئىدىيە ئارقىلىق ھەممە ئادەمنى باشقۇرالايسەن.

    مۇناسىۋەتلىك: پىكىر

  2. ئەدەبىي ياكى سەنئەت ئەسىرىدە ئاپتور ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسلىق مەزمۇن، مەقسەت.

    English
    main idea, theme
    中文
    主题思想、中心思想
    Türkçe
    ana fikir, tema
    • ئاساسلىق مەركىزىي ئىدىيەسى — ھەقىقەتتىن قېچىش، ئۆزىنى ئاقلاش، يەنى ئۆزىگە ئۆزى باھانە تېپىش.