لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئىدارە

idare

  1. دۆلەت ياكى جەمئىيەتنىڭ مەلۇم ساھەدىكى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورگان، ئورۇن.

    English
    office, bureau, agency
    中文
    局、机关、单位
    Türkçe
    daire, kurum, müdürlük
    • تۆمۈر يول باشقۇرۇش ئىدارىسى شىپالنىڭ تۈگىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
    • بۇلارنىڭ خىزمەتلەردىكى نەتىجىسى بەزىدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشەتتى.

    مەنىداش: ئورگان

  2. باشقۇرۇش، ئىشلارنى تەشكىللەپ يۈرگۈزۈش؛ كۆپىنچە «قىلماق» بىلەن كېلىدۇ.

    English
    management, administration
    中文
    管理
    Türkçe
    yönetim, idare
    • ئۇ بۇ زاۋۇتنى ئون يىلدىن بېرى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

    مەنىداش: باشقۇرۇش