لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھېكمەت

hékmet

  1. چوڭقۇر ئەقىل-پاراسەت؛ دانالىق.

    English
    wisdom
    中文
    智慧
    Türkçe
    hikmet
    • قەدىمكى ئالىملارنىڭ ھېكمىتىدىن ئۆگىنەيلى.
  2. ئەقىللىق، ئىبرەتلىك سۆز.

    English
    maxim, aphorism
    中文
    格言、名言
    Türkçe
    vecize
    • «ھايۋان يېيىش ئۈچۈن ياشايدۇ، ئادەم ياشاش ئۈچۈن يەيدۇ» دېگەن ھېكمەتنى ئەسلەتتىڭىز.
  3. بىرەر ئىشنىڭ يوشۇرۇن سەۋەبى ۋە مەنىسى.

    English
    hidden reason, purpose
    中文
    奥秘、道理
    Türkçe
    hikmet
    • ئەجەب ئىشىم ئوڭ ئەمەس دېسە. ئىنشائاللاھ، بۇنىڭدىمۇ بىر ھېكمەت باردۇر.