ئىبارەت1
ibaret
چىقىش كېلىشىدىكى سۆز بىلەن كېلىپ، خەۋەر ئورنىدا ئالدىدىكى نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياكى نېمىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرسىتىدۇ.
- English
- consist of, be (namely)
- 中文
- 就是、指的是
- Türkçe
- ibaret (olmak)
- ئاتوم يادروسىنىڭ زەرەت سانى يادرو ئىچىدىكى پىروتونلارنىڭ سانىدىن ئىبارەت.
- ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى سەرپ قىلغان توكنىڭ "ۋات" سانىنىڭ مەنىسى نېمىدىن ئىبارەت؟
چىقىش كېلىشىدىكى سۆز بىلەن كېلىپ، ئېنىقلىغۇچى ئورنىدا «يەنى، دېگەن» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
- English
- namely, that is
- 中文
- 即、这一
- Türkçe
- yani, olan
- ئانا تىلدىن ئىبارەت بۇ بايلىقنى ئاسرىشىمىز كېرەك.