ئوينا
oyna
خۇشاللىق، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىل، ئويۇن قىل.
- English
- play
- 中文
- 玩、玩耍
- Türkçe
- oynamak
- «ئۆردەك بىلەن غاز ئوينايدۇ، چىۋىن بىلەن تاز» دەپتىكەن.
- بالىلار ھويلىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.
مۇسابىقە، تەنھەرىكەت ياكى ئويۇنغا قاتناش؛ مەلۇم قائىدە بويىچە ئويۇن ئېلىپ بار.
- English
- play
- 中文
- 打、下、比赛
- Türkçe
- oynamak
- ئاخشام ئوينىغان ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە گېرمانىيەگە ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇۋېتىپتۇ.
- ئۇلار كەچتە شاخمات ئوينىدى.
ئۇسسۇل بىلەن مۇزىكىغا ماس ھالدا بەدەننى ھەرىكەتلەندۈر.
- English
- dance
- 中文
- 跳舞、跳
- Türkçe
- dans etmek, oynamak
- توي سورۇنىدا ھەممەيلەن ئۇسسۇل ئوينىدى.
- قىزلار مەشرەپتە ساما ئوينىدى.
مۇناسىۋەتلىك: ئۇسسۇل
سەھنە، كىنو قاتارلىقلاردا مەلۇم رولنى ئىجرا قىل؛ بىرەر ئىشتا مەلۇم رولنى ئۆتە.
- English
- play, act, perform
- 中文
- 扮演、演、起作用
- Türkçe
- oynamak, rol almak
- ئادەتتە، ئاتا ئانىنىڭ پىكرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
- ئۇ بۇ فىلىمدە باش رولنى ئوينىغان.
بىرەر نەرسە ياكى كىشىگە سەل قارا، ئۇنى ئەرزان ئويۇنچۇق ئورنىدا ئىشلەت.
- English
- play with, trifle with
- 中文
- 玩弄
- Türkçe
- oynamak
- ئوت بىلەن ئوينىما!
- ئۇ باشقىلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئوينايدۇ.