يوشۇر
yoshur
باشقىلار كۆرمىسۇن، تاپالمىسۇن دەپ بىرەر يەرگە قويماق.
- English
- hide
- 中文
- 藏、隐藏
- Türkçe
- saklamak, gizlemek
- ئۆتۈكىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان پىچاقنى تەستە ئېلىپ، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تانىنى كېسىشكە باشلىدى.
ھېس-تۇيغۇ، سىر قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىماي ساقلىماق.
- English
- conceal
- 中文
- 隐瞒、掩饰
- Türkçe
- gizlemek
- ئۇلار ھېچقاچان ئۆز تۇيغۇلىرىنى يوشۇرۇپ، ساختا توغرا چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋالمايدۇ.