لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ياپ

yap

  1. ئوچۇق نەرسىنىڭ ئاغزى، ئۈستى قاتارلىقلارنى بىرەر نەرسە بىلەن توسماق؛ ئۈستىگە يېپىنچا سالماق.

    English
    cover, put a lid on
    中文
    盖、盖上
    Türkçe
    örtmek, kapatmak
    • قورۇما قورۇغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن قازاندىكى مايغا ئوت كەتسە، قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ ئۆچۈرسە بولىدۇ.
  2. ئىشىك، دېرىزە، كۆز قاتارلىقلارنى ئوچۇق ھالەتتىن چىقارماق.

    English
    close, shut
    中文
    关、关上
    Türkçe
    kapatmak
    • بايلارنىڭ دەرۋازا، دېرىزە قاپقىلىرى ھىم يېپىلغان.
  3. دۇكان، زاۋۇت قاتارلىقلارنىڭ پائالىيىتىنى توختاتماق.

    English
    close down, shut down
    中文
    关闭、停业
    Türkçe
    kapatmak
    • بۇ زاۋۇت ئۆتكەن يىلى يېپىلىپ قالدى.