لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئورۇنلاشتۇر

orunlashtur

  1. كىشى ياكى نەرسىلەرنى مۇۋاپىق جايغا قويماق، ئولتۇرغۇزماق ياكى جايلاشتۇرماق.

    English
    place, seat, accommodate
    中文
    安置、安排
    Türkçe
    yerleştirmek
    • ئۇنى بىر سىنىپقا باشلاپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ...
    • مېھمانلارنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق.

    مەنىداش: جايلاشتۇر

  2. ئىش، ۋاقىت ياكى ۋەزىپىلەرنى ئالدىن پىلانلاپ تەقسىم قىلماق؛ بىرەر ئىشنى بىرەرسىگە تاپشۇرماق.

    English
    arrange, schedule, assign
    中文
    安排、布置
    Türkçe
    düzenlemek, planlamak, görevlendirmek
    • ئالدىن ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاچقا، بۇ ھەپتىلىك دەرسكە قاتنىشالمايدىغان بولۇپ قالدۇق.
    • باشلىق ھەر بىرىمىزگە ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى.