ئىچ1
ich
بىر نەرسە ياكى بىنانىڭ سىرتىغا قارىمۇقارشى، توسۇلغان ئارىلىقى، ئوتتۇرىسى.
- English
- inside, interior
- 中文
- 里面、内部
- Türkçe
- iç
- ئۆينىڭ ئىچى ناھايىتى ئىسسىق ئىكەن.
قارشى مەنىلىك: سىرت
ئادەمنىڭ كۆڭلى، ھېس-تۇيغۇ دۇنياسى.
- English
- heart, inner self
- 中文
- 内心、心里
- Türkçe
- iç, gönül
- -يۈرۈڭ، مېھمانلىرىڭىزنى كۈتەيلى مىڭبېگى! -دېدى ئاسىيە ھەممە غەزىپىنى ئىچىگە يۇتۇپ.