لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئوت1

ot

  1. كۆيگەن نەرسىدىن چىققان يالقۇن، ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق؛ ئۇچقۇن.

    English
    fire, flame
    中文
    火
    Türkçe
    ateş, od
    • ئاش يېيىلىپ بولغۇچە كۈنمۇ پاتىدۇ، مەشرەپ بېگى گۈلخانغا ئوت يېقىش بۇيرۇقى بېرىدۇ.
    • ئالتۇن ئوتتا بىلىنەر، ئادەم مېھنەتتە.

    مۇناسىۋەتلىك: يالقۇن

  2. ھەربىي قوراللاردىن ئوق چىقىرىش؛ ئېتىش ھەرىكىتى.

    English
    fire, gunfire
    中文
    火力、开火
    Türkçe
    ateş
    • ئەسكەرلەر دۈشمەنگە قارىتا ئوت ئاچتى.