لۇغەت
lughet
سۆزلەرنى مەلۇم تەرتىپ بويىچە تىزىپ، مەنىسىنى ياكى تەرجىمىسىنى بەرگەن كىتاب.
- English
- dictionary
- 中文
- 词典、字典
- Türkçe
- sözlük
- تېلېفونغا قاچىلايدىغان ياخشى ئۇيغۇرچە لۇغەت بارمىدۇ؟ تونۇشتۇرساڭلارچۇ.
بىر تىلدىكى ياكى بىر كىشى بىلىدىغان سۆزلەرنىڭ جەمئىي.
- English
- vocabulary
- 中文
- 词汇
- Türkçe
- kelime hazinesi
- ئۇنىڭ لۇغەت بايلىقى مول.