ئاڭلا
angla
ئاۋازنى قۇلاق ئارقىلىق سەزمەك.
- English
- hear
- 中文
- 听见、听到
- Türkçe
- duymak, işitmek
- يىراقتىن ئىت قاۋىغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
- ئۇ قۇلىقى ئېغىر بولغاچقا، ياخشى ئاڭلىمايدۇ.
دىققەت قىلىپ قۇلاق سالماق.
- English
- listen (to)
- 中文
- 听
- Türkçe
- dinlemek
- -قېنى بىر ئوقۇڭا بىر ئاڭلاپ باقاي.
- «ياخشى چارە ئىشنىڭ يېرىمى» ، «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەن ماقاللارنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
مەنىداش: قۇلاق سال
باشقىلارنىڭ ئېيتقىنىدىن ياكى خەۋەردىن بىلمەك، خەۋەر تاپماق.
- English
- hear (of), learn
- 中文
- 听说
- Türkçe
- duymak, haber almak
- -سىزنى كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغانىدىم.
- ئۇنىڭ ئۆيلەنگەنلىكىنى تۈنۈگۈن ئاڭلىدىم.
باشقىلارنىڭ سۆزى، نەسىھىتى بويىچە ئىش قىلماق، بويسۇنماق.
- English
- obey, heed
- 中文
- 听从、听话
- Türkçe
- söz dinlemek
- بۇ بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ.
مەنىداش: بويسۇن