لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كۆيدۈر

köydür

  1. ئوتتا كۆيۈشكە سەۋەب بولماق؛ ئوت بىلەن يوق قىلماق.

    English
    burn
    中文
    烧、焚烧
    Türkçe
    yakmak
    • پاتىمە ئارغامچىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈپ ئۈزۈپتۇ-دە، ئۇچىنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپتۇ.
  2. كىشىنىڭ قەلبىنى قاتتىق ئازابلىماق.

    English
    hurt deeply, sear
    中文
    使痛心
    Türkçe
    yüreğini yakmak
    • سوئالىڭ گوياكى يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان بىر پارچە قىزىل چوغدەك يۈرەك-باغرىمنى ۋاژىلدىتىپ كۆيدۈردى.
  3. («جان كۆيدۈرمەك» شەكلىدە) پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىمەك.

    English
    take pains
    中文
    尽心尽力
    Türkçe
    canla başla çalışmak
    • ئۇ مەن ئۈچۈن ئاجايىپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ بەردى.