لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

كۆي

köy

  1. ئوت تۇتۇشۇپ يانماق.

    English
    burn
    中文
    燃烧、烧
    Türkçe
    yanmak
    • ئاليۇمىن ئوكسىگېندا كۆيۈپ ئاليۇمىن ئوكسىدنى ھاسىل قىلىدۇ.
  2. قاتتىق ئازابلانماق، ئېچىنماق.

    English
    grieve, ache
    中文
    痛心、难过
    Türkçe
    yanmak, üzülmek
    • ئويلىسام دىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىسەم تىلىم.
  3. بىرىنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ قالماق.

    English
    fall in love
    中文
    爱上
    Türkçe
    âşık olmak
    • ئۇ بىر قىزغا كۆيۈپ قالدى.