لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

قىر1

qir

  1. ئۆتكۈر نەرسە بىلەن يۈزىنى سىيرىپ ئېلىۋەت ياكى ئۇۋاقلا

    English
    scrape, shave
    中文
    刮、削
    Türkçe
    kazımak, rendelemek
    • ئۇ مۇزنى كارتىلدىتىپ گۈرۈچ دانىسىدەك قىرىپ، بىر چىنە قېتىق دوغى ئېتىپ بەردى.
  2. نۇرغۇن ئادەم ياكى ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ تۈگەت

    English
    massacre, slaughter
    中文
    屠杀
    Türkçe
    kırmak, katletmek
    • دۈشمەن پۈتۈن يېزىنى قىرىپ تاشلىدى.