ئالماشتۇر
almashtur
بىر نەرسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا باشقا بىر نەرسىنى قويماق؛ يېڭىلىماق.
- English
- replace, change
- 中文
- 更换、换
- Türkçe
- değiştirmek
- بۇنداق بولغاندا، دائىم توك قاچىلاشقا ياكى باتارېيە ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
- قۇلۇپ ئالماشتۇرۇشقا ئانچە كۆپ پۇل كەتمەيتتى.
مەنىداش: يېڭىلا
ئۆزئارا بىر نەرسىنى بېرىپ يەنە بىر نەرسىنى ئالماق؛ ئۆز ئارا تەقدىم قىلىشماق.
- English
- exchange, swap, trade
- 中文
- 交换、交流
- Türkçe
- değiş tokuş etmek, takas etmek
- ئاساسەن ھەر ھەپتە دېگۈدەك ئۆزىمىزنىڭ كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ، كىتابلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇردۇق.
- ئۇلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇردى.