ئاق1
aq
قار ياكى سۈتنىڭ رەڭگىدەك؛ قارىنىڭ ئەكسىچە بولغان ئەڭ يورۇق رەڭدىكى.
- English
- white
- 中文
- 白、白色的
- Türkçe
- beyaz, ak
- ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى ئىت.
- ئاق بىلەكلىرىڭ ئۈستىدە ماغدۇرسىز ھالەتتە ياتقان بېشىڭنى كۆتۈرمەيلا سوراپ قالدىڭ.
قارشى مەنىلىك: قارا
كۆڭلى ساپ، ھىيلە-مىكىرسىز؛ گۇناھسىز، پاك.
- English
- pure, innocent, honest
- 中文
- 纯洁、清白
- Türkçe
- temiz, saf, ak
- ئۇ كۆڭلى ئاق، ھەممىگە ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەم.
مەنىداش: پاك