ئاز1
az
سانى ياكى مىقدارى كىچىك، كۆپ ئەمەس؛ يېتەرلىك ئەمەس.
- English
- few, little, scarce
- 中文
- 少
- Türkçe
- az
- ئافغانىستان پايتەختىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە ئون ئادەم ئۆلدى.
- بۇ يىل يامغۇر بەك ئاز ياغدى.
قارشى مەنىلىك: كۆپ
«بىر» بىلەن كېلىپ، «سەل، قىسقا ۋاقىت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
- English
- a little, a bit, slightly
- 中文
- 一点、稍微、一会儿
- Türkçe
- biraz
- -مىدىرلىما، مىدىرلىما دەيمەن! -دېدى ئامپېر ئالدىراپ، -يەنە بىر ئاز چىدىساڭلا ھېسابلاپ بولىمەن!
- بىر ئاز ئارام ئېلىۋالايلى.
مەنىداش: سەل