لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

تەكرارلا

tekrarla

  1. بىر ئىشنى ياكى سۆزنى قايتا قىلماق، قايتا ئېيتماق

    English
    repeat
    中文
    重复
    Türkçe
    tekrarlamak
    • ئاتتەك ئىشلەۋاتىمەنغۇ، دېدىم مەن سۆزۈمنى تەكرارلاپ.
  2. ئۆگەنگەن دەرسنى قايتا كۆرۈپ چىقماق

    English
    review, revise
    中文
    复习
    Türkçe
    tekrar etmek
    • ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكرارلاپ تۇرۇش كېرەك.