لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھايات1

hayat

  1. جانلىقلارنىڭ تىرىك ھالىتى؛ جان.

    English
    life
    中文
    生命
    Türkçe
    hayat, can
    • دوختۇرلار بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
  2. كىشىنىڭ تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە ئۆتكۈزگەن مۇددىتى ۋە شۇ جەرياندىكى پائالىيىتى، تۇرمۇشى.

    English
    life, lifetime
    中文
    一生、生平、生活
    Türkçe
    hayat, ömür
    • ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە ئىدىيەسىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر ئىنقىلاب ئوتىنى تارقاتقۇچىدۇر.
    • ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى مائارىپقا بېغىشلىدى.

    مەنىداش: ئۆمۈر