بەلباغ
belbagh
بەلگە باغلايدىغان تاسما ياكى رەخت.
- English
- belt, sash
- 中文
- 腰带
- Türkçe
- kemer, kuşak
- تاسما بەلباغ بىلەن پىچاقنى ئېلىۋېتىپ، ئامانقۇلنىڭ قوللىرى ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى.
جۇغراپىيە يەر شارىدىكى ئىقلىم جەھەتتىن ئايرىلغان كەڭ رايون.
- English
- zone, belt
- 中文
- 带、地带
- Türkçe
- kuşak
- شايار ناھىيەسى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ.