بىرىكمە
birikme
خىمىيە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئېلېمېنتنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ماددا
- English
- compound
- 中文
- 化合物
- Türkçe
- bileşik
- ئاسان داغ ھاسىل قىلىدىغان سۇ تەركىبىدە كالتسىي، ماگنىي بىرىكمىلىرى كۆپ بولىدۇ.
تىلشۇناسلىق ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان تىل بىرلىكى
- English
- phrase, compound
- 中文
- 词组、短语
- Türkçe
- kelime grubu, bileşik
- ئەگەر بۇ بىرىكمىلەر جۈملىنىڭ خەۋىرىگە يانداش كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ.