لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

يەنە

yene

  1. ھەرىكەت ياكى ئەھۋالنىڭ قايتا تەكرارلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    English
    again
    中文
    又、再
    Türkçe
    yine, tekrar
    • -تېز بۇلۇڭلار! كاپىتان يەنە خىتاب قىلدى.

    مەنىداش: قايتا

  2. بار نەرسىگە قوشۇلىدىغان، ئاشۇرۇلىدىغان مىقدارنى بىلدۈرىدۇ؛ تېخى.

    English
    more, another, still
    中文
    还、再
    Türkçe
    daha
    • -پاراخوت چۆكۈپ كېتىشكە يەنە قانچە مىنۇت بار؟
    • -مىدىرلىما، مىدىرلىما دەيمەن! -دېدى ئامپېر ئالدىراپ، -يەنە بىر ئاز چىدىساڭلا ھېسابلاپ بولىمەن!