لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئېرى

éri

  1. قاتتىق نەرسە ئىسسىقتا سۇيۇق ھالەتكە كەلمەك

    English
    melt
    中文
    融化
    Türkçe
    erimek
    • ئاپرېل كۈنلىرى كەلدى، قارلار ئېرىپ تۈگىدى، يەر-جاھان كۆپكۆك مايسىلار بىلەن پۈركەندى.
  2. ماددا سۇ قاتارلىقلاردا تارقىلىپ كۆرۈنمەس بولماق

    English
    dissolve
    中文
    溶解
    Türkçe
    çözünmek
    • شېكەر سۇدا تېز ئېرىيدۇ.