ئۇزات
uzat
مېھماننى ياكى سەپەرگە ماڭغۇچىنى يولغا سېلىپ قويماق
- English
- see off
- 中文
- 送行
- Türkçe
- uğurlamak
- ئۇنى ھەدەملەر ئەمەس مەن ئۇزىتىپ چىقتىم.
قول قاتارلىقلارنى سوزماق
- English
- extend, stretch out
- 中文
- 伸
- Türkçe
- uzatmak
- -سەن خاتا قىلغان بولغاندىكىن، بىرىنچى بولۇپ قول ئۇزىتىپ ئەپۇ سورىشىڭ كېرەك ئىدى.
قىزنى ياتلىق قىلىپ ئەرگە بەرمەك
- English
- marry off
- 中文
- 出嫁
- Türkçe
- gelin etmek
- ئۇلار قىزىنى ئۇزاتتى.
سىگنال، ئۇچۇر قاتارلىقلارنى يەتكۈزمەك
- English
- transmit
- 中文
- 传送
- Türkçe
- iletmek
- تېلېۋىزىيەدە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ سۈرەت ۋە ئاۋاز سىگنالى ئۇزىتىپ بېرىلىدۇ.
شەكىللىرى: ئۇزىتىپ · ئۇزىتىش