لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئۆچ1

öch

  1. ئوت، چىراغ قاتارلىقلار يېنىشتىن توختا

    English
    go out, be extinguished
    中文
    熄灭
    Türkçe
    sönmek
    • شامال چىقىپ چىراغ ئۆچۈپ قالدى.

    قارشى مەنىلىك: يان

  2. يوقال، ئىزى قالما؛ ئۇنتۇلۇپ كەت

    English
    fade, vanish
    中文
    消失、磨灭
    Türkçe
    silinmek, sönmek
    • ئالما ئاتسام دەرياغا لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ، يۈرەكتىكى دەردلەرنى پىچاقتا قىرسام ئۆچمەيدۇ.