لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ياكى

yaki

  1. ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇمكىنچىلىكتىن بىرىنىڭ تاللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان باغلىغۇچى.

    English
    or
    中文
    或、或者、还是
    Türkçe
    veya, ya da
    • ئات يورغىلىتىش مۇسابىقىسىدە ئاتنىڭ يورغىلىشى بۇزۇلسا ياكى چېپىپ ماڭسا، نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ.
    • ئاتاڭدىن كېيىن زامان ساڭا نېمىلەرنى قىلدى؟خۇشاللىق بەخش قىلدىمۇ ياكى غەم قايغۇمۇ؟

    مەنىداش: يا

  2. (تەكرارلىنىپ كېلىپ) ئىككى ئەھۋالدىن چوقۇم بىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    English
    either … or
    中文
    或者…或者、要么…要么
    Türkçe
    ya … ya da
    • ياكى سەن كەل، ياكى مەن باراي.
    • -قارىغاندا، ئۇ ياكى بۇ يەردىن كېتىپ قالغان، يا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ.