ئادەت
adet
كىشىدە كۆپ قېتىم تەكرارلىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن، تەبىئىي ھالدا قىلىنىدىغان ئىش-ھەرىكەت ياكى خاسلىق.
- English
- habit
- 中文
- 习惯
- Türkçe
- alışkanlık, âdet
- «ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى» دېگەن كىتاب بەك ئېسىل كىتابكەن.
- ئۇنىڭ ئەتىگەندە بالدۇر تۇرۇش ئادىتى بار.
بىر خەلق ياكى جامائەت ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن ئىش ئۇسۇلى؛ ئۆرپ.
- English
- custom, tradition
- 中文
- 风俗、习俗
- Türkçe
- gelenek, âdet, örf
- ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ھۆرمەتلەش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك: ئۆرپ