لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئويغان

oyghan

  1. ئۇيقۇدىن ئېچىلماق.

    English
    wake up
    中文
    醒、醒来
    Türkçe
    uyanmak
    • شۇ تەرىقىدە تۆت قېتىم ئۇخلاپ ئويغانغان پىلە قىز يەنە نەچچە كۈن ئۈجمە يوپۇرمىقى يېدى.
  2. ھوشيار بولماق، ئاڭ-سەزگۈسى ئېچىلماق.

    English
    awaken
    中文
    觉醒
    Türkçe
    uyanmak
    • ئەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر، سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.