لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئاتلان

atlan

  1. سەپەرگە ياكى بىرەر ئىشقا قاراپ يولغا چىقماق

    English
    set out, set off
    中文
    出发、启程
    Türkçe
    yola çıkmak
    • ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز، ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق، قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
  2. ئاتقا مىنمەك

    English
    mount (a horse)
    中文
    上马
    Türkçe
    ata binmek
    • زىياۋۇدۇن ئوبدان غىزالىنىپ، غوجام بىلەن بىللە ئاتلىنىپ يولغا چىقتى.