ئاتلا
atla
بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ياكى قەدەم ئېلىپ ئۆتمەك
- English
- jump over, step over
- 中文
- 跨过、越过
- Türkçe
- atlamak
- تام شورىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ چۈشۈپ، باغلاردىن ئۆرۈك تاللاپ يەپ يۈرگەنىدىم.
چەك-چېگرادىن ھالقىپ ئۆتمەك
- English
- cross, transcend
- 中文
- 越过
- Türkçe
- aşmak
- ئۇلارنىڭ تەسىرى چېگرا ئاتلاپ، ئىلى، تارىم ۋادىسى ۋە قۇمۇل، تۇرپان بوستانلىقىغىچە يېتىپ بارغان.
ئارىلىقتىكى بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ كەتمەك
- English
- skip
- 中文
- 跳过
- Türkçe
- atlamak
- بۇ بەتنى ئاتلاپ ئوقۇدۇم.