لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

مەيدان

meydan

  1. شەھەر ياكى يېزا ئىچىدىكى كەڭ، ئوچۇق، تۈز يەر؛ سورۇن.

    English
    square, open ground
    中文
    广场、场地
    Türkçe
    meydan, alan
    • بايرام كۈنى شەھەر مەركىزىدىكى مەيدانغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلدى.
  2. بىرەر ئىش، ئويۇن ياكى ھادىسە بولۇۋاتقان ياكى بولغان جاي؛ ئورۇن.

    English
    field, ground, site
    中文
    场、现场、赛场
    Türkçe
    saha, alan
    • ئاخشام ئوينىغان ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە گېرمانىيەگە ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇۋېتىپتۇ.
    • ئارتىسلار سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا گىرىمنى يۇيۇۋەتسە بولمايدۇ.

    مۇناسىۋەتلىك: نەق مەيدان

  3. بىرەر مەسىلىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيە، كۆز قاراش.

    English
    position, standpoint, stance
    中文
    立场
    Türkçe
    tutum, tavır
    • ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە ئۆز مەيدانىنى ئېنىق بايان قىلدى.

    مەنىداش: پوزىتسىيە