لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھايۋان

haywan

  1. ئادەمدىن باشقا، ھەرىكەت قىلالايدىغان جانلىق

    English
    animal, beast
    中文
    动物、牲畜
    Türkçe
    hayvan
    • ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن.
    • «ھايۋان يېيىش ئۈچۈن ياشايدۇ، ئادەم ياشاش ئۈچۈن يەيدۇ» دېگەن ھېكمەتنى ئەسلەتتىڭىز.

    مەنىداش: جانىۋار

  2. ھاقارەتلىك قوپال، ئەقىلسىز ياكى رەھىمسىز ئادەمنى ھاقارەتلەپ ئېيتىلىدىغان سۆز

    English
    brute, beast
    中文
    畜生
    Türkçe
    hayvan
    • ئۇ ھايۋان ئادەم بىلەن ئارىلاشما!