لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھالقى

halqi

  1. تاغ، داۋان قاتارلىقلاردىن ئېشىپ ئۆتمەك.

    English
    cross, get over
    中文
    越过、翻越
    Türkçe
    aşmak
    • ئۇلار قار-مۇز قاپلىغان مۇز داۋاندىن ھالقىپ پەسكە چۈشۈپتۇ.
    • كارۋان تاغدىن ھالقىپ ئۆتتى.

    مەنىداش: ئاش

  2. مەلۇم چەك، ياش ياكى دائىرىدىن ئېشىپ كەتمەك.

    English
    exceed, go beyond, transcend
    中文
    超过、超越
    Türkçe
    aşmak, geçmek
    • ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان، ساقاللىق بۇ كىشى ئۆز يۇرتىدا «جاھانكەزدى سۈپۈرگە» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.
    • بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئالدى بىلەن ئەنئەنىۋى سودا-سېتىق رامكىسىدىن ھالقىپ چىقىشى كېرەك.

    مەنىداش: ئاش