لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھادىسە

hadise

  1. تەبىئەت ياكى جەمئىيەتتە كۆرۈلىدىغان، كۆزىتىشكە بولىدىغان ئەھۋال.

    English
    phenomenon
    中文
    现象
    Türkçe
    olay, fenomen
    • ئېلېمېنتلارنىڭ مۇشۇنداق ئۆزلۈكىدىن نۇر چىقىرىش ھادىسىسى تەبىئىي رادىيو ئاكتىپلىق ھادىسە دەپ ئاتىلىدۇ.
    • ئەگەر ئالىملار بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئاچقۇچىنى يېشەلىسە، بەلكىم كەلگۈسىدە ھەممە ئادەم ئېينىشتىيىن بولۇشى مۇمكىن
  2. يۈز بەرگەن ئىش، ۋەقە.

    English
    event, incident
    中文
    事件
    Türkçe
    olay, hadise
    • ئىنسان ئۆزى بىر ھادىسىنىڭ ئىچىدە تۇرغاندا سىرتتىكىلەر ئېنىق كۆرۈپ تۇرغان ئىشلارنى كۆرمەس بولۇپ قالىدىكەن.
    • بۇ ھادىسە كىشىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى.

    مەنىداش: ۋەقە