لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ھاجەت

hajet

  1. بىرەر نەرسىنىڭ زۆرۈر بولۇشى؛ ئېھتىياج.

    English
    need, necessity
    中文
    必要、需要
    Türkçe
    gerek, ihtiyaç
    • «نورماندى» غا ئوخشاش بۇ خىلدىكى ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ كېچىدە يۈرۈشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

    مەنىداش: ئېھتىياج

  2. كىشىنىڭ تىلىكى، ئۆتۈنۈشى.

    English
    wish, request
    中文
    愿望、请求
    Türkçe
    dilek, hacet
    • ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ ھاجىتى راۋا بولماي تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ ھېچقانداق ھاجىتىڭنى راۋا قىلىشنى خالىمىدىڭ.
  3. تەرەت قىلىش (يۇمشاق ئېيتىلىشى).

    English
    call of nature
    中文
    解手、大小便
    Türkçe
    def-i hacet
    • ئۇ ھاجەتكە چىقىپ كەتتى.