گەۋدە
gewde
ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ بەدىنى، تېنى
- English
- body, build
- 中文
- 身体、身躯
- Türkçe
- gövde, beden
- بىچارە دادا ھازىر نېمە غەمدە، ئۇنىڭ غەم-ئەلەمگە كۆنگەن گەۋدىسى مۈكچەيگەنمىدۇ؟
- ئۇنىڭ گەۋدىسى ئېگىز ۋە كۈچلۈك.
مەنىداش: بەدەن
نەرسىنىڭ ئاساسىي، ئوتتۇرا قىسمى
- English
- body, hull
- 中文
- 主体、机身
- Türkçe
- gövde
- باشتا پاراخوتنىڭ بېشى، ھەش-پەش دېگۈچە گەۋدىسى قوشۇلۇپ پاراخوت قۇيرۇقى چۆكتى.
بىر پۈتۈن نەرسە، بىرلىك
- English
- whole, entity
- 中文
- 整体
- Türkçe
- bütün
- قويۇق تۇماننىڭ تەسىرىدە ئاسمان بىلەن يەر تۇتۇشۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.