لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

مەدەنىيەت

medeniyet

  1. بىر خەلق ياكى جەمئىيەتنىڭ تارىخ جەريانىدا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنىڭ، ئۆرپ-ئادەت، سەنئەت، ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى.

    English
    culture, civilization
    中文
    文化、文明
    Türkçe
    kültür, medeniyet
    • ئۆزىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، كېلىپ چىقىشى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلمەيدىغان خەلق يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ.
    • ئايكۆل قەدىمكى مەدەنىيەت رايونى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    مۇناسىۋەتلىك: مەدەنىيلىك

  2. كىشىنىڭ بىلىم ۋە ئوقۇش دەرىجىسى (كۆپىنچە «سەۋىيە» سۆزى بىلەن بىرگە كېلىدۇ).

    English
    education level
    中文
    文化程度
    Türkçe
    eğitim düzeyi
    • ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تولۇقسىز ئوتتۇرا.