لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

چەكلىك

cheklik

  1. مىقدارى ياكى دائىرىسى بەلگىلىك چەكتىن ئاشمايدىغان، ئاز

    English
    limited
    中文
    有限
    Türkçe
    sınırlı
    • ئەر-ئايال قاتناشقۇچىلار چوقۇم ئالدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇڭلار، ئورۇن چەكلىك!
    • ئەگىشىدىغانلار پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي تېزدىن ئەگىشىڭلار! سان چەكلىك!

    قارشى مەنىلىك: چەكسىز

  2. ماتېماتىكا ئاخىرى بار، سانى ئېنىق بولىدىغان

    English
    finite
    中文
    有限的
    Türkçe
    sonlu
    • ئەزا سانى چەكلىك بولغان سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى، چەكلىك سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.

    قارشى مەنىلىك: چەكسىز