چوڭلۇق
chongluq
بىرەر نەرسىنىڭ ھەجىمى، كۆلىمى، چوڭ-كىچىكلىكى.
- English
- size, magnitude
- 中文
- 大小、尺寸
- Türkçe
- büyüklük, boyut
- بەخت ئۆيىڭىزنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆيىڭىزدىن ئاڭلىنىۋاتقان كۈلكە ئاۋازلىرىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەندۇر.
- گۆش ۋە كۆكتاتلارنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرايمىز.
ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلاپ تەكەببۇرلۇق قىلىش.
- English
- arrogance, haughtiness
- 中文
- 摆架子、骄傲
- Türkçe
- büyüklük taslama, kibir
- موزاي قوزۇققا چوڭلۇق قىلار.
- ئۇ دوستلىرىغا چوڭلۇق قىلىدۇ.
مەنىداش: تەكەببۇرلۇق