چاقىرىق
chaqiriq
كىشىلەرنى بىرەر ئىشقا قاتنىشىشقا ياكى ھەرىكەتكە كېلىشكە ئۈندەش.
- English
- appeal, call
- 中文
- 号召、呼吁
- Türkçe
- çağrı
- كىشىلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، قارلىغاچلارنى ئىزدەپ تېپىپ ۋوگزالغا ئېلىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلدى.
- بۇنىڭغا ئوخشاش ياردەم سۇپىلىرىدا چاقىرىق قىلساق بولمامدۇ؟
مەنىداش: ئۈندەش
بىرەر ئورۇنغا قوبۇل قىلىنغانلىقى ياكى كېلىشكە چاقىرىلغانلىقى ھەققىدىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇش.
- English
- notice, summons, admission letter
- 中文
- 通知书、录取通知书
- Türkçe
- davet yazısı, çağrı belgesi
- ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتىمدا بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم.