لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

مۇلازىمەت

mulazimet

  1. باشقىلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلەش، ئۇلارغا خىزمەت قىلىش.

    English
    service, serving
    中文
    服务
    Türkçe
    hizmet
    • خېرىدارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلساڭ قانداق بولىدۇ؟ مۇلازىمەت ئەخلاقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسەن؟
    • بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى ياخشى، مۇلازىمىتىمۇ قىزغىن.

    مەنىداش: خىزمەت

  2. ئورگان ياكى شىركەتلەرنىڭ خېرىدار ياكى ئاممىغا تەمىنلەيدىغان ئىشى ياكى ئەسلىھەسى.

    English
    service
    中文
    服务、业务
    Türkçe
    hizmet
    • ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركىتى خېرىدارنىڭ كومپيۇتېرىنى ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
    • رۇسىيەنىڭ ياۋروپانى گاز بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى قىسمەن توختىدى.