لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

پۈتتۈر

püttür

  1. بىر ئىشنى ئاخىرىغا يەتكۈزمەك، تاماملىماق.

    English
    finish, complete
    中文
    完成、结束
    Türkçe
    bitirmek, tamamlamak
    • ئالدىن پىلان تۈزۈپ، پىلان بويىچە تەرتىپ بىلەن ئىشنى پۈتتۈرۈش ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
    • ئۇ ئىشنى ۋاقتىدا پۈتتۈردى.

    مەنىداش: تاماملا

  2. مائارىپ مەكتەپتىكى ئوقۇشنى تاماملىماق.

    English
    graduate
    中文
    毕业
    Türkçe
    mezun olmak, bitirmek
    • ئاكام — ئوقۇتقۇچى، ئىككى بالىنىڭ دادىسى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىلىملىك زىيالىي ئىدى.
    • ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مۇشۇ شەھەردە قالدىم.