پۈت
püt
ئىش ياكى نەرسە تامام بولماق، تەييار بولۇپ چىقماق.
- English
- be finished, be completed
- 中文
- 完成、完工
- Türkçe
- bitmek, tamamlanmak
- ئاخىرىدا ئىككىسى تەڭلا: «قاراڭلار! يېڭى كىيىم پۈتتى! » دېيىشىپتۇ.
- ئوقۇش پۈتكەن ئوخشىمامدۇ ياكى تەتقىقاتتا بىرەر خۇشاللىنارلىق نەتىجە چىقتىمۇ؟
مەنىداش: تۈگە
يارا ساقىيىپ، ئېغىزى يېپىلماق.
- English
- heal
- 中文
- 愈合
- Türkçe
- kapanmak, iyileşmek
- قولۇمدىكى يارا بىر ھەپتىدە پۈتتى.
ئەدەبىي خەت يازماق، يېزىپ قالدۇرماق.
- English
- write, inscribe
- 中文
- 书写、写
- Türkçe
- yazmak
- تاشقا پۈتۈلگەن خەتلەر ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.