لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

پۇراق

puraq

  1. بۇرۇن ئارقىلىق سېزىلىدىغان ھىد.

    English
    smell, scent, aroma
    中文
    气味、香味
    Türkçe
    koku
    • ئاشخانىدىن قويۇق ھور چىقماقتا، ھور بىلەن لەززەتلىك تاماقنىڭمۇ پۇرىقى تارقالماقتا ئىدى.
    • ئۇنىڭ پۇرىقى، نېمە دېسەم بولار، بىرخىل دەرەخنىڭ پۇرىقىدەك تەبىئىي، تونۇش ھەم يەڭگىل ئىكەن.

    مەنىداش: ھىد

  2. بىرەر نەرسىدە سېزىلىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك ياكى كەيپىيات.

    English
    flavor, air, touch
    中文
    气息、韵味
    Türkçe
    hava, koku
    • بۇ شېئىردىن زامان پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.