پۇختا
puxta
ئەتراپلىق، مۇستەھكەم؛ بىلىم ياكى ئىش ئوبدان ئىگىلەنگەن، ئاساسى چىڭ
- English
- thorough, solid
- 中文
- 扎实、牢固
- Türkçe
- sağlam, esaslı
- ئۇ قەشقەردىكى مەدرىسەلەرنىڭ بىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگەندى.
- ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى پۇختا بىلىش.
مەنىداش: مۇستەھكەم
ئىشنى ئېھتىيات بىلەن، ئويلىنىپ قىلىدىغان
- English
- careful, prudent
- 中文
- 稳重、谨慎
- Türkçe
- dikkatli, tedbirli
- ئەي ئوغۇل، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا پۇختا بول.
مەنىداش: ئېھتىياتچان