لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

پۇت

put

  1. ئاناتومىيە ئادەم ياكى ھايۋان بەدىنىنىڭ ماڭىدىغان ۋە تىك تۇرىدىغان ئەزاسى.

    English
    foot, leg
    中文
    脚、腿
    Türkçe
    ayak, bacak
    • -سىز سورىغان تۆگىنىڭ سول پۇتى سەل ئاقسامتى؟ -دەپ سوراپتۇ بوۋاي.
    • ئۇزۇن يول يۈرۈپ پۇتۇم ئاغرىپ قالدى.
  2. ئۈستەل، ئورۇندۇق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يەرگە تىرىلىپ تۇرىدىغان قىسمى.

    English
    leg
    中文
    腿
    Türkçe
    ayak
    • ئورۇندۇقنىڭ بىر پۇتى سۇنۇپ كەتتى.