پرىنسىپ
prinsip
ئىش-ھەرىكەت ياكى پىكىرگە ئاساس قىلىنىدىغان تۈپ قائىدە.
- English
- principle
- 中文
- 原则
- Türkçe
- ilke, prensip
- ئاددىي لېكىن مۇھىم پرىنسىپ بار، ئۇ بولسىمۇ، خۇدا پەقەت ھەقىقىي تىرىشقانلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ.
- ئۇ ھەرگىز پرىنسىپىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.
مەنىداش: قائىدە
ئىلىم بىرەر ئەسۋاب ياكى ھادىسىنىڭ ئىشلەش ئاساسى.
- English
- principle, mechanism
- 中文
- 原理
- Türkçe
- ilke, prensip
- بۇ پرىنسىپ بۈگۈنكى كۈندە سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ۋاقىتنى كۆرسىتىشىدە ئىشلىتىلمەكتە.
- تۆۋەندىكى رەسىمدە ئاپتوماتىك سىگنال ئەسۋابىنىڭ پرىنسىپ سىخېمىسى كۆرسىتىلگەن.